باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكىدىن ئۆزىنى تارتتى

2013.11.21 09:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزا دۆلىتى بولۇشنى رەت قىلىپ، تىغ ئۇچىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەتنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكىغا قاراتتى.

  ئوتتۇرا شەرق مېدىيالىرىنىڭ 23 – ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخبارات ئاپپاراتىنىڭ مەسئولى، خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى باندار سۇلتان: بۇنىڭدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكا بىلەن ئارىلىق ساقلايدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، دېگەن.

  بەزى تەھلىلچىلەر سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى تەدرىجىي سۇسلىشىشقا باشلىدى، بۇ ئاقساراي ئۈچۈن زەربە بولدى، دېسە، يەنە بەزى تەھلىلچىلەر سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولدى خالاس، دېدى.

  قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىياسىي جەھەتتە ئامېرىكىغا مايىل، 22 يىل سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى بولغان باندار سۇلتان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئارىلىق ساقلىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئارىلىق ساقلىشىدىكى سەۋەب، ئوباما ھۆكۈمىتى بەشىر ھاكىمىيىتى ۋە پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە پائال ھەرىكەت قوللانمىغانلىقى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت بولىۋاتقان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەپ ئىران بىلەن يارىشىش پوزىتسىيەسىدە بولغانلىقىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، 2011 – يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان بەھرەيىندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتنى باستۇرۇشقا ياردەم قىلغاندا، ئامېرىكا ياردەم قىلماي، بىر چەتتە قاراپ تۇردى، دېدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: كۇۋەيت، بەھرەين، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقىدىكى پادىشاھلىق دۆلەتلەرگە سوغۇق مۇئامىلىدە بولغانلىقىدىن نارازى بولدى.

  بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەرىكەت ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى، ئاخىرىدا، ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى مەنپەئەتىگە زەربە بولۇشى مۇمكىن، دېسە، يەنە بەزىلەر سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكا بەك يېقىن، بۇ ئىشلار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، دېدى.

  ئەرەب ئاخبارات تورى 24 – ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي، ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقى بار. سەئۇدى ئەرەبىستان ھەر يىلى ئامېرىكىدىن نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال سېتىۋالىدۇ، ئامېرىكىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن زور مىقداردا نېفىت سېتىۋالىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكىنىڭ زايومىنى ئەڭ كۆپ سېتىۋالغان دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئامېرىكىنىڭ 690 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق زايومى بار. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئازراق دەز كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ھازىرقى سەۋىيەنى يەنىلا ساقلاپ قالىدۇ.

  ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان ئارازچىلىقنى ئوڭشىماقچى بولىۋاتىدۇ. ئاقساراي باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ بار بولسىمۇ، لېكىن، ھەمكارلىقىمىز داۋاملىشىۋېرىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان «ئەركىلەۋاتىدۇ»، دەپ قارىدى. ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرىنىڭ قارىشىچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەجرىبىلىك دىپلومات ۋە ئەلچى ئوڭشىشى زۆرۈر ئىكەن. ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نارازىلىقى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. چۈنكى، مەيلى قورالغا بولغان ئېھتىياج بولسۇن ياكى خەلقئارالىق ئورنىدىن بولسۇن، پارس قولتۇقى ئەللىرى ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە موھتاج.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر