- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


رۇسىيە قازاندىكى ئايروپىلان ھادىسىسىنىڭ سەۋەبى بېكىتىلدى
2013.11.20 13:23 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
دۆلەتلەر ئارا ئاۋىياتسىيە كومىتېتىنىڭ موسكۋا باش ئىشتابى 19-نويابىر خەۋەر ئېلان قىلىپ ، بۇ كومىتېت قارىمىقىدىكى تېخنىكا ھەيئىتى رۇسىيەنىڭ قازاندا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىدىكى شىفىرلارنى يېشىپ ، دەسلەپكى قەدەمدە ‹‹ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ مەشغۇلاتى توغرا بولمىغانلىقتىن بۇ تىراگىدىيە يۈز بەرگەن›› دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن .
خەۋەردە دېيىلىشىچە ، ئايروپىلان خادىملىرى قونۇش مەشغۇلاتىنى بەلگىلىمە بويىچە تاماملىمىغان . رۇسىيە تاتارىستان ئاۋىياتسيە شىركىتىنىڭ ‹‹بوئىن 737›› تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 17-نويابىر كەچ رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا غەربىدىكى قازان شەھىرىدە چۈشۈپ كېتىپ ، ئايروپىلاندىكى 50 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان . 18-نويابىر، ھادىسە يۈز بەرگەن ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ئەھۋالىنى خاتىرىلىگۈچىسى (قارا قۇتىسى) تېپىلغان .
1991-يىلى 30-دېكابىر ، رۇسىيە ، ئەزەربەيجان ، ئەرمىنىيە ، بېلورۇسىيە ، قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، مولدوۋا، تاجىكىستان ، تۈركمەنىستان ، ئۆزبېكىستان ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەر خەلق ئاۋىياتسىيەسى ۋە ھاۋا بوشلۇقىنى ئىشلىتىشكە ئالاقىدار بولغان ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ ، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن دۆلەتلەر ئارا ئاۋىياتسىيە كومىتېتى قۇرۇلغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر