- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پۇل ئارقىلىق يول ئېچىش
ئەنبېي جىنسەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى 10 دۆلەتنى زىيارەت قىلدى
2013.11.19 19:22 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنبېي جىنسەن 16-، 17-نويابىر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كامبودژا ۋە لائوسنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەتنىڭ ھەممىسىگە بولغان نۆۋەتلەشمە زىيارىتىنى تاماملىدى. ئەنبېي پۇلنى ئايىماي چېچىپ، كامبودژا ۋە لائوسنى زور تۈركۈمدىكى ياردەم بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «ئاكتىپ تىنچلىق مەسلىكى» قارىشىنى بازارغا سالدى ھەم بۇ دۆلەتلەر بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكچى بولدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر