- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«فورد» ناملىق ئاۋىئاماتكا رەسمىي سۇغا چۈشۈرۈلدى
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىئاماتكىلىرى يېڭىلىنىشقا باشلىدى
2013.11.11 16:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 9-نويابىر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ«گېرالد فورد» ناملىق ئەڭ يېڭى يادرو ئېنېرگىيەلىك ئاۋىئاماتكىسىغا ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ نيۇپورتنيۇستىكى كېمە ياساس زاۋۇتىدا نام بېرىش ۋە ئۇنى سۇغا چۈشۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، نامى ۋاپات بولغان سابىق زوڭتوڭ فوردنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد «فورد» دەرىجىلىك تۇنجى ئاۋىئاماتكىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە بۇ ئاۋىئاماتكا ئەڭ تېز بولغاندا 2016-يىلى ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپىدىكى ئاۋىئاماتكا فلوتىغا كىرىدىكەن. بۇ ئاۋياماتكا سېلىنغان مەبلەغنىڭ كۆپلۈكىدىن، ياساش جەريانىدا كۆپ قېتىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەنقىتىگە ئۇچرىغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر