باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېنسۇئېلا ھەربىي تەرەپ مېكسىكىنىڭ بىر ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋەتتى

2013.11.08 16:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 7-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ يەر ۋاقتى 4-نويابىر كەچتە ، ۋېنسۇئېلا ھەربىي تەرەپ بۇ دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدا مېكسىكىدا رويخەتكە ئېلىنغان كىچىك تىپتىكى بىر ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەن . مېكسىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتىگە دىپلوماتىك نوتا ( دىپلوماتىك ھۆججەت ) ئەۋەتىپ ، ۋېنسۇئېلا تەرەپتىن بۇ ۋەقەنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان .

  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋېنسئۇئېلا ھاۋا ئارمىيەسى پاچاقلىنىپ كەتكەن ئايروپىلان تارتىلغان بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەرنى ئېلان قىلغان . ئىگىلىنىشىچە ، ۋېنسۇئېلا زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ، ۋېنسۇئېلا بىلەن كولۇمبىيە چېگرىسىدىكى رايونلارنى نازارەت قىلىشنى يولغا قويغان بولۇپ ، 2013-يىلدىن بۇيان زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 13 ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر