- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەرەفاتنىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى
2013.11.08 15:59 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 7-نويابىر تېلېگراممىسى : چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 7-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە ، شۋيېتسارىيە ئالىملىرى ئوتتۇرىغا قويغان دوكلاتتا پەلەستىننىڭ سابىق رەھبىرى ئەرافاتنىڭ پولونىي بىلەن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكى ئىسپاتلانغان . ئەرافاتنىڭ ئايالى سۇخا : ‹‹ بۇ بىر مەيدان سىياسىي سۈيقەست ›› دېگەن .
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى : بىز ئەرافاتنىڭ جەسىتىنى زەھەرشۇناسلىق ۋە رادىئوئاكتىپلىق زەھەرشۇناسلىق بويىچە يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ ، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى پولونىي - 210 بىلەن قوغۇشۇن - 210 مىىقدارىنىڭ بىز ئويلىغاندىنمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق .
لائۇسان ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار تەتقىقات ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇلتۇر 11–ئايدا ئۆمەك تەشكىل قىلىپ ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى شەھەر رامئاللاھدا ئەرافاتنىڭنىڭ جەسىتىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ ، ‹‹ئەرافات زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ›› دېگەن مىش- مىش گەپلەرگە قارىتا ئىسپات ئىزدىگەن .
شىۋيېتسارىيە جەسەت تەكشۈرۈش ئۆمىكى دوكلاتنى سۇخانىڭ ئادۋوكاتى ۋە پەلەستىننىڭ جەنۋەدىكى ئەمەلدارىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ، سۇخا مۇنداق دېگەن : بۇ دوكلات بىزنىڭ بارلىق گۇمانلىرىمىزنى ئىسپاتلاپ بەردى .
سۇخا جىنايەت سادىر قىلغان ھەر قانداق بىر دۆلەت ياكى شەخسنىڭ ئىسمىنى ئاتىمىغان ، لېكىن ئەرافاتنىڭ دۈشمىنىنىڭ كۆپلىكىنى ئېيتقان ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىلگىرى ئەرافاتنى ئىسرائىلىيە–پەلەستىن تىنچلىقىدىكى توسالغۇ دېگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر