- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بىرما ھۆكۈمىتى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتتى
2013.11.06 15:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رانگون، 5 – نويابىر تېلېگراممىسى. بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ئاز سانلىق مىللەت قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بۈگۈن كاچىن ئىشتاتىنىڭ مەركىزى ميىتكينادا ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپ سىياسىي سۆھبىتىنى بالدۇرراق ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىككى تەرەپ مەملىكەت بويىچە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاش توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتتە، ئاز سانلىق مىللەت قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ مەملىكەت بويىچە ئۇرۇش توختىتىشقا كېلىشىش گۇرۇپپىسى ھۆكۈمەتكە لازان باشلىقلار يىغىنىنىڭ 11 تۈرلۈك ئورتاق تونۇشىنى رەسمىي تاپشۇردى، مەركەزنىڭ تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىمۇ كېلىشىش گۇرۇپپىسىغا مەملىكەت بويىچە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى (لايىھەسى)نى تاپشۇردى.
باياناتتا يەنە: مەملىكەت بويىچە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ بۇ يىل 12 – ئايدا كارېن ئىشتاتىنىڭ بائەندە يەنە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى، دېيىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر