- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياپونىيە ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ تېلېفونىمىزنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىشىنى ياقتۇرمايمىز، دېدى
2013.11.06 15:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، توكيو، 5 – نويابىر تېلېگراممىسى. تاراتقۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش نىشانى قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرىگە قارىتا، ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى ئونودېراي تسۇنورى بۈگۈن ياپونىيە بۇنداق قىلمىشلارنى ياقتۇرمايدۇ، دېدى.
ئونودېراي شۇ كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوستانە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىدىغان مۇناسىۋەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشىنى ياقتۇرمايدۇ ھەم ئالاقىدار خەۋەرلەرگىمۇ ئىشەنمەي تۇرالمايدۇ.
ياپونىيە ئەمەلدارى يوشىخىدې سۇگا شۇ كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ياپونىيە دائىرىلىرى ئامېرىكىغا ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، دېدى.
ئامېرىكا ‹‹نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى›› يېقىندا ئامېرىكا مۇداپىئە ئىشلىرى ھۆددىگىرىنىڭ سابىق خادىمى سىنودېن تەمىنلىگەن ئىچكى ماتېرىيالنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ياپونىيەنى ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇھىم ئوغرىلىقچە ئاڭلاش نىشانى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا ئەمەلدارى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياپونىيە بىلەن گېرمانىيە ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئاخبارات توپلاشتىكى نىشانى، دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر