باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالدىۋې زۇڭتۇڭى تاشقى كۈچلەرنىڭ مالدىۋېنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

2013.11.05 15:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مالې، 3 – نويابىر تېلېگراممىسى. مالدىۋې زۇڭتۇڭى ۋاھىد بۈگۈن: مالدىۋې ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، تاشقى كۈچلەرنىڭ مالدىۋېنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز، دېدى.

  ۋاھىد شۇ كۈنى مالدىۋېنىڭ غەلىبە خاتىرە كۈنىدە تەبرىك سۆزى قىلغاندا: ھازىر مالدىۋېنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە ئىزدەيدىغان ۋاقىت بولدى، تاشقى كۈچلەرنىڭ مالدىۋېنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا ۋە مالدىۋې دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز، دېدى.

  ۋاھىد: خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنى پەيدا قىلغان جىددىي ۋەزىيەتنى ھەل قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى توسۇش ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، دەپ تەكىتلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر