- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگونى دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت دەپ قارىدى
2013.11.01 16:51 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : كورىيە ‹‹مەركەز گېزىتى ›› نىڭ 1-نويابىرىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندى جەمئىيىتى 30-ئۆكتەبىر لوندوندا ‹‹2013-يىللىق دۇنيا نوپۇس ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ›› نى ئېلان قىلغان . بۇ دوكلاتقا قارىغاندا ، جۇڭگو 1 مىليارد 385 مىليون نوپۇسى بىلەن ئومۇمىي نوپۇس سانى جەھەتتە دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرغان ، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا 2- ۋە 3-ئورۇندا تۇرغان . چاۋشيەننىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 24 مىليون 900 مىڭ بولۇپ ، دۇنيادىكى 202 دۆلەت ۋە رايون بويىچە 49-ئورۇندا تۇرغان .
بۇ دوكلاتقا قارىغاندا ، چاۋشيەن ئاياللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇغۇش نىسبىتى ئىككى بولۇپ ، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سانى (2.5 ئادەم) دىن تۆۋەنكەن . بۇنىڭدىن باشقا ، ھەر 100 مىڭ ئادەم ئىچىدە 81 كىشى تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىدىكەن ، يېڭىدىن تۇغۇلغان ھەر 1000 بوۋاق ئىچىدە 28 ى بەش ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا ئۆلۈپ كېتىدىكەن .
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندى جەمئىيىتى 1969-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، ئاساسلىقى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشنى ۋەزىپە قىلغان ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلات .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر