باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ۋەقەسى بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كەتتى، ئەربابلار ئامېرىكا-ياۋروپا دىپلوماتىيەسىنى قايتا ئورنىتىش كېرەك، دېدى

2013.10.29 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى كۈن بۇرۇن تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مەركىلنىڭ شەخسىي تېلېفونىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغانلىقىغا قارىتا، ئاق ساراي ئىنكار قىلىپ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ئوباما زۇڭلى مەركىل بىلەن تېلېفونلاشقاندا ئۇنىڭ تېلېفونىنى «ئوغرىلىقچە ئاڭلىمىغانلىقى ھەم ئاڭلىمايدىغانلىقى»غا كاپالەت بەردى، دېدى. لېكىن ئاق ساراي ئىلگىرى ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان-ئاڭلىمىغانلىقىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئىش بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى، گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋېستىرۋېل بۇ ئىش ئۈچۈن يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئېمىرسون بىلەن كۆرۈشۈپ، گېرمانىيە، فىرانسىيەلەرنىڭ ۋاشىنگتونغا ئادەم ئەۋەتىپ مۇشۇ ئىش توغرىلىق سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبىرىنىڭ بۇ باياناتى پۈتۈن ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ۋەقەسىنى تېخىمۇ يېڭى دولقۇنغا كۆتۈردى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسلىھەتچىسى موناكو 25-چېسلا ئامېرىكىدىكى تىراژى ئەڭ كۆپ «بۈگۈنكى ئامېرىكا» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ يەر شارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاخبارات توپلىشى ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداش ئۈچۈندۇر، باشقا دۆلەتلەرنىڭ چەت ئەلگە قارىتا ئېلىپ بارغان جاسۇسلۇق پائالىيىتىگە سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا بۇ جەھەتتە قاتتىق بەلگىلىمە چىقارغان ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات توپلىشى ھەرگىزمۇ ئۆز قابىلىيىتىنى كۆز-كۆز قىلىش بولماستىن، بىخەتەرلىك تەلىپىنى چىقىش قىلغان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك تەلىپى بىلەن شەخسىي سىر ئارىسىدا بىر تەڭپۇڭ نۇقتىسى تاپىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكىدىكى تەسىرى كۈچلۈك «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بەزى چەت ئەل ئاخبارات ئاپپاراتلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان، بۇ ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەنلىكى ئاشكارىلانمىغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇلارنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مەخپىي ھەمكارلىقى يېقىنقى مەزگىلدە ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ياللانما خادىمى سىنوۋدىن توپلىغان ئون مىڭدىن ئارتۇق ھۆججەت ئارىسىدا بار بولۇپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ئىران، رۇسىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر