- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېنگال باش مىنىستىرى ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك ئىش تاشلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى
2013.10.28 17:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بېنگال باش مىنىستىرى شەيخ ھاسىنا 26- ئۆكتەبىر كەچتە ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ رەھبىرى، سابىق باش مىنىستىر خالىدە زىيا بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ئۆتكۈزمەكچى بولغان مەملىكەتلىك چوڭ ئىش تاشلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ 2009-يىلدىن بۇيان، سىياسىي سەھنىدىكى بۇ ئىككى رەقىبنىڭ تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە سۆزلىشىشى. زىيا رەھبەرلىكىدىكى مىللەتچىلەر پارتىيەسى 25-ئۆكتەبىر قارانچى ھۆكۈمەت مەسئۇللىقىدا كىلەر يىلى 1-ئايدا چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ مەنئى قىلىش بۇيرۇقىغا قارىماي چوڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، ھاسىنانىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى. ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى پارتلىغاندا 6 كىشى قازا قىلدى، 500 دىن كۆپرەك كىشى يارىلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر