- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەرافات پولونىيدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ئەمەس
2013.10.25 16:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رام ئاللا، 24 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. پەلەستىندىكى بىر خەۋەردار ئەربابنىڭ 24 – ئۆكتەبىر ئېيتىشىچە، پەلەستىننىڭ سابىق مەرھۇم رەھبىرى ئەرافاتنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئۇنىڭ رادىيوئاكتىپ ماددا پولونىيدىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈش ئېھتىماللىقى يوققا چىقىرىلغان.
مەزكۇر خەۋەردار ئەربابنىڭ شۇ كۈنى مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، شىۋېيتسارىيە ۋە روسىيەنىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرى جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىنى پەلەستىن تەرەپكە تاپشۇرۇپ بەرگەن. گەرچە دوكلاتتا ئەرافاتنىڭ ئۆلۈمى پولونىي بىلەن زەھەرلىنىشتىن بولۇش ئېھتىماللىقى يوققا چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەرافاتنىڭ يەنە بىر خىل زەھەرلىك ماددىدىن زەھەرلىنىش ئېھتىماللىقى يوققا چىقىرىلمىغان.
ئەرافاتنىڭ ئۆلۈم سىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى تەۋپىق دىلاۋەر شۇ كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىشنى رەت قىلىپ: پەلەستىن ھۆكۈمىتى پات يېقىندا جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتى توغرىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر