- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىران 1 مىليارد دوللارلىق خام نىفىتنى جۇڭگو بىلەن 315 مېترو ۋاگونىغا ئالماشتۇرماقچى بولدى
2013.07.30 16:08 مەنبە: خەلق تورى
ئىراننىڭ بىر ئالىي ئەمەلدارى 29-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىرتنىڭ ئىقتىسادىي جازاسى تۈپەيلىدىن ئىران «مالنى مالغا ئالماشتۇرۇش» ئۇسۇلى ئارقىلىق جۇڭگودىن 315 مېترو ۋاگونى زاكاز قىلدى.
ئىران قاتتىق قوللار گۇرۇھىنىڭ تور بېكىتىدە دۈشەنبە كۈنى ئىران تىرانسپورت ۋە يېقىلغۇ ماي باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جافارپورنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ئىقتىسادىي جازانىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلغان 1 مىليارد دوللارلىق خام نىفىت پايدىسىنى مەبلەغ شەكلىدە ئىرانغا قايتۇرۇپ كېلىشكە ئامالسىز قالغانلىقتىن، ئىران ھۆكۈمىتى جۇڭگودىن 315 مېترو ۋاگونى سېتىۋېلىپ، مالنى مالغا تېگىشىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق مەبلەغ يۆتكەش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى قارار قىلدى. جافاپور يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ نىفىت ئالماشتۇرغان مەبلەغ ئارقىلىق ئىرانغا 5000 كىلومېتىر مېترو لىنىيەسى ياساپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن باھا بەك يۇقىرى بولغاچقا، تەكلىپى رەت قىلىندى. (يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق تەكلىپلىك مۇخبىرى لۇ لىن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل