- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مېركىل پىرىزما ئىشىك ۋەقەسى ھەققىدە مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى: ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىك ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش لازىم
2013.07.22 17:57 مەنبە: خەلق تورى
 |
گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل |
خەلق تورىنىڭ 22-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئىيۇل، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ياز پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ مەخپىي تىڭشاش ۋەقەسىگە قارىتا يېڭىچە ئىنكاس قايتۇردى، مېركىل ئاممىغا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ گېرمانىيە خەلقىنىڭ ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغان-ئاڭلىمىغانلىقى، قايسى دەرىجىدە ئاڭلىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. ئۇ ئەركىنلىك بىلەن بىخەتەرلىك ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:«مەن ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىككى مۇھىم ئىشنى زىممىمىزگە ئالغان ــــ ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىك. كونكرېت ئېيتقاندا، خەلقنى جىنايەتچىلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش بىلەن بىرگە خەلقنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى دەخلى-تەرۈزغا ئۇچراشتىن قوغداشتىن ئىبارەت».
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار