- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۇنيادىكى سېمىزلەر دۆلىتىنىڭ رەت-تەرتىپى ئېلان قىلىندى
2013.07.17 14:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەدىكى «ئەمگەكچى گېزىتى» نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيادىكى سېمىزلەر دۆلىتىنىڭ رەت-تەرتىپىنى ئېلان قىلغان، مېكسىكا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىپ، 1-ئورۇنغا ئۆتكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، مېكسىكىدىكى %70 ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن. مېكسىكىدا سېمىزلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە تېز تاماق ۋە گازلىق سۇ، گۆش يېمەكلىكىنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى سەۋەب بولغان.
سېمىزلەر دۆلىتىنىڭ رەت-تەرتىپىدە ئامېرىكا 2-ئورۇندا، ئۇنىڭدىن قالسا سۈرىيە ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ۋېنېزۇئېلا، لىۋىيە، شۇنداقلا ترنىداد ۋە توباگو جۇمھۇرىيىتىمۇ سېمىزلەر دۆلىتىنىڭ رەت-تەرتىپىدە ئالدىنقى 5-قاتاردىن ئورۇن ئالغان.
ئىزچىل سېمىزلەر كۆپ، دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان رۇسىيە بىلەن ئەنگىلىيە 19-ئورۇندا تۇرغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھەر تۆت رۇسىيەلىكنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە