- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


موسكۋا 15-ئىيۇلنى قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
2013.07.15 17:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە ئاۋازىنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش رادىئو ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، موسكۋا دائىرىلىرى شەنبە كۈنى 15ئىيۇلنى «يېڭى موسكۋا»دا يۈزبەرگەن خەتەرلىك قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىلگىرى بېرىلگەن خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېقىندا موسكۋا شەھىرى خەرىتىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئىلگىرىكى موسكۋا شەھىرى چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان ۋوزنوبىشنو كەنت بازىرىدا شېغىل توشۇيدىغان يۈك ماشىنىسى بىر ئاپتوبۇسقا سوقۇلۇپ، 1بوۋاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ئادەم ئۆلگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 4 ئادەم دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
روسىيە سەھىيە تارمىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، قاتناش ھادىسىسىدە جەمئىي 18 ئادەم ئۆلگەن. يارىسى ئوتتۇراھال ياكى خەتەرلىك بولغان 25 ئادەم ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ. دەسلەپكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، شوپۇرنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشىدىن بۇ قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ھازىر تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ. موسكۋا شەھەر باشلىقى سوبيانىن قاتناش ھادىسىسىدە يارىدار بولغان ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابئاتىنى زۆرۈر بولغان ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى ھاۋالە قىلدى. (مۇخبىر: ليۇ روڭ)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار