- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لىۋان پايتەختىدە ئاپتوموبىلبومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 53 ئادەم يارىلاندى
2013.07.10 15:01 مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
لىۋان پايتەختى بېيرۇتنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا 9-ئىيۇل ئاپتوموبىلبومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ، ئاز دېگەندە 53 ئادەم يارىلاندى
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە ، لىۋان پايتەختى بېيرۇتنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى 9-ئىيۇل ئاپتوموبىلبومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، ئاز دېگەندە 53 ئادەم يارىلانغان .
ئىگىلىنىشىچە ، پارتلىتىش لىۋان ئاللاھ پارتىيەسى كونتروللىقىدىكى رايوندا يۈز بەرگەن بولۇپ ، بىر سودا ھەمكارلىق مەركىزىگە يېقىن ئىكەن . شاھىتلارنىڭ دېيىشىچە ، شۇ چاغدا ‹‹غايەت زور›› پارتلاش يۈز بېرىپ ، قويۇق ئىس-تۈتەك ۋە ئوت يالقۇنى كۆتۈرۈلگەن ، كىشىلەر ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ ، تەرەپ-تەرەپكە قاچقان . ئېيتىلىشىچە ، پارتلاشتا ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئاپتوموبىل ۋە ئۆيلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان . لىۋان سەھىيە مىنىستىرى Ali Hassan Khalil نىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ھازىرغىچە 53 ئادەم يارىلانغان ، ئارىدىكى 12 ئادەم تېخىچە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ ، ئىككى ئادەم ئوپېراتسىيە قىلىنغان .
يەنە ‹‹رۇسىيە ئاۋازى›› رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 9-ئىيۇل يەرلىكتىكى ‹‹كۈندىلىك يۇلتۇز گېزىتى›› نىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، پارتلاش ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا يۈز بەرگەن ، بىر يۈك ئاپتوموبىلىغا بومبا ئورنىتىلغان بولۇپ ، ئاز دېگەندە 10 ئاپتوموبىلغا ئوت كەتكەن . خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ ئۇچۇر دەلىللەشتىن ئۆتمىگەن ، بىراق يەرلىك دائىرىلەر بۇ ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان .
ئىگىلىنىشىچە ، لىۋان ساقچى تەرەپ نەق مەيداننى قامال قىلغان ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىمۇ تېزلىكتە نەق مەيدانغا بېرىپ يارىدارلارنى قۇتقۇزغان ۋە ئوت ئۆچۈرگەن . نۆۋەتتە تېخى ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس بۇ قېتىمقى پارتلىتىشقا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان .(تامام)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم