باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسسىيە ۋاستىلىرى: مېدۋىدىۋ ئۆزىنىڭ پىنسىيە مۇئاشىنىڭ ھەر ئايدا 7تۈمەن رۇبلى بولىدىغانلىقىنى بىلدى

2013.07.05 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسسىيە باش مېنىستىرى مېدۋىدىۋ ئالدىنقى كۈنى رايونلۇق پېنسىيە فوندىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، پېنسىيە پۇلىنى ھېسابلىغۇچ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پېنسىيە پۇلىنىڭ ھەر ئايدا 7 تۈمەن رۇبلى بولىدىغانلىقىنى بىلدى، بۇنىڭ ئاساسى بولسا ئۇنىڭ 200مىڭ رۇبلى مائاشى ۋە پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنە 10 يىل خىزمەت قىلىدىغانلىقى.

  ھېسابلىغۇچ مېدۋىدىۋنىڭ ھەر ئايدا تەخمىنەن 7 تۈمەن رۇبلى پېنسىيە مۇئاشى ئالىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەندە، پېنسىيە فوندىنىڭ خادىمى: «بۇ پېنسىيە مۇئاشى خېلى بولىدىكەن» دېدى. مېدۋىدىۋ جاۋابەن: «بولىدىكەنلا ئەمەس، بۇ بىر زور سوممىلىق پىنسىيە پۇلى» دېدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم