- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سنوۋدىن 21 دۆلەتتىن پاناھلىق تىلىدى پاناھلىق ئىلتىماس قىلىنغان دۆلەتلەر ئىپادە بىلدۈردى
2013.07.04 17:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سنوۋدىن روسسىيە قاتارلىق 19 دۆلەتتىن پاناھلىق تىلىدى، ئىلگىرىكى ئېكىۋاتور ۋە ئىسلاندىيەنى قوشقاندا، ئۇ پاناھلىق تىلىگەن دۆلەتلەر 21گە يەتتى. ھازىرغىچە ئاز بولمىغان دۆلەتلەر سىلىق رەت قىلىش جاۋابىنى بەردى.
ياۋروپا دۆلەتلىرى:
روسسىيە: سنوۋدىن ئىلتىماس قىلىشتىن ئاللىقاچان ۋاز كەچتى.
ئاۋستىرىيە: ئىلتىماسنى ئاۋستىرىيەدە قىلىشى كېرەك
فېنلاندىيە: سنوۋدىننىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمىدى
فرانسىيە: ئانچە مۇھىم مەسىلە ئەمەس
گېرمانىيە: بۇ ئىشنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق
ئىسلاندىيە: قانات ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن تېرىتورىيىمىز دائىرىسىدە بولۇشى كېرەك
ئىتالىيە: تېرىتورىيىمىز دائىرىسى ياكى چىگراسىدا بولۇشى كېرەك
ئېرلاندىيە: چوقۇم دۆلىتىمىز تېرىتورىيىسى دائىرىسىدە بولۇشى كېرەك
گوللاندىيە: گوللاندىيە تېرىتورىيىسىدە تۇرۇپ ئىلتىماس قىلمىسا رەت قىلىنىدۇ
نورۋېگىيە: سنوۋدىننىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ
پولشا: ئىلتىماسىغا «ئاكتىپ تەكلىپ» بەرمەيمىز
ئىسپانىيە: ئىسپانىيە تېرىتورىيىسىدە قىلىنمىغان ئىلتىماس ئىناۋەتسىز
شۋىتسارىيە: ئەلچىخانا ئىنسانپەرۋەرلىك پاناھلىق قىلىشنى قۇبۇل قىلمايدۇ
لاتىن ئامېرىكىس دۆلەتلىرى:
نىكراگۇا: ئىپادە بىلدۈرمىدى
بولىۋىيە: پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى ئويلىنىپ كۆرىمىز
ۋىنسۇئىلا: پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى ئويلىشىپ كۆرىمىز
برازىلىيە: سنوۋدىنغا پاناھلىق ئىلتىماسى بەرمەيمىز
كۇبا: ئىپادە بىلدۈرمىدى
ئېكىۋاتور: سنوۋدىننىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى ئويلاشمايمىز
ئاسىيا دۆلەتلىرى:
جۇڭگو: بۇ ھەقتە ئۇچۇر يوق
ھىندىستان: سنوۋدىننىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدىغان ھېچقانداق سەۋەب تاپالمىدۇق
7-ئاينىڭ 3كۈنى 0دىن 30گىچە
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم