باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما ئىلگىرى ماندېلا قامالغان تۈرمىنى زىيارەت قىلدى

2013.07.01 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30-ئىيۇن، جەنۇبىي ئافرىقا روبىن ئارىلى، ئوباما ماندېلا ئىلگىرى قامالغان تۈرمىدە.

  جەنۇبىي ئافرىقىدا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 30-ئىيۇن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ روبىن ئارىلىغا جايلاشقان تۈرمىنى زىيارەت قىلدى. سابىق زۇڭتۇڭ ماندېلا ئىلگىرى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقى سەۋەبىدىن مۇشۇ تۈرمىدە 18يىل ياتقان.

  ئەنگىلىيە ئاخباراتچىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئوباما بۇ قېتىمقى جەنۇبىي ئافرىقا سەپىرىدە ماندېلا بىلەن كۆرۈشمەپتۇ. ئەكسىچە ماندېلانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇپىيانە كۆرۈشۈپتۇ. ماندېلا يېقىنقى نەچچە ھەپتىدىن بېرى ئۆپكىسى يۇقۇملانغانلىقى ئۈچۈن پرېتورىيەدىكى بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ كېسىلى ياخشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا خەتەرلىك ئىكەن. ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى جەنۇبىي ئافرىقا سەپىرى ماندېلاغا بولغان ھۆرمىتىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئيتىشىچە، ماندېلا قەھرىمان ئىكەن، ئۇنىڭ ئەخلاقى ۋە جاسارىتى ئىزچىل ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇپ كېلىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە