- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بۇلتۇر مەركەزگە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ «ھۆكۈمەت ھېسابىدىكى ئۈچ خىراجەت» چىقىمى 7 مىليارد 425 مىليون يۈەن بولغان، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىش خىراجىتى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن ئاشقان
2013.06.28 14:17 مەنبە: خەلق تورى
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-سانلىق يىغىنى تۈنۈگۈن 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لوۋ جىۋېي گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 2012 -يىللىق مەركەز نەق چوتى دوكلاتى بەردى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى ليۇ جيايىمۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا 2012-يىللىق مەركەز نەق چوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىم ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. نەق چوت دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، مەركەزگە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ بۇلتۇرقى «ھۆكۈمەت ھېسابىدىكى ئۈچ خىراجەت» چىقىمى 7 مىليارد 425 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇپەتتىش قىلىنغان مەركەز تارماقلىرىدىن شۇ دەرىجىلىكنىڭ بۇلتۇر ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىش خىراجىتى 1 مىليارد 213 مىليون يۈەندىن ئاشقان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە