باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئالاقىدار يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى

2013.06.27 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما پايتەخت ۋاشنگتوندىكى گىئورگىتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا دائىر بىرقاتار يېڭى تەدبىرلەرنى ئېلان قىلغان. بۇ ئۇنىڭ سايلام رىقابىتىگە قاتناشقاندا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقى بولۇپ، ئىككىنچى قارارلىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە قالدۇرىدىغان سىياسىي مىراسى ھېسابلىنىدىكەن.پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارىغا يېڭى ئۆلچەم بېكىتىلىدىكەن.

  ئوباما ئېلان قىلغان يېڭى تەدبىرلەر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مۇھىت ئاسراش مەھكىمىسىگە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ۋە پۈتكەن ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ كاربون بۇلغىمىسى قويۇپ بېرىشىگە يېڭى ئۆلچەم بېكىتىش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش؛ مېنىرال يېقىلغۇنى ئۆزگەرتىش تۈرى ئۈچۈن 8 مىليارد دوللار قەرزگە ۋەدە بېرىش؛ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە 2020-يىلىغا قەدەر جامائەت يەرلىرىدە بىر مىليارد ۋاتلىق شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى تۈرىدىن 10نى تەستىقلاش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش؛ زۇڭتۇڭ «ئەڭ ياخشى ئىمارەت رىقابىتى» تۈرىنى كېڭەيتىپ، 2020-يىلىغا قەدەر جايلاردىكى ئىمارەتلەردە ئىسراپچىلىقنى ئازايتىپ، ئىقتىدار ۋە ئۈنۈمنى ئاز دېگەندە ٪20كە كۆتۈرۈش؛ ئەمەلىي قۇرۇلما ۋە فېدېراتسىيە ئىمارەتلىرىگە ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمى بېكىتىش ئارقىلىق، 2030-يىلىغا بارغاندا كاربون بولغىمىسى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى جەمئىي 3 مىليارد توننا ئازايتىش نىشانىغا يېتىش؛ چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارغا قارىتا يېقىلغۇ تېجەش ئۆلچىمى بېكىتىش؛ ھىدروكاربونات، فتور كاربوناتلارنى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا مىتاندىن پايدىلىنىش ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش؛ ئورمان ۋە باشقا بايلىقلارنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىش. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە