باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبى ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى نېلسون ماندىلانىڭ كېسىلى خەۋپ ئىچىدە

2013.06.24 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

29-ئاپرېل ماندىلانىڭ ئۆپكە ياللۇغىدىن ساقايغاندىن كېيىن ئۆيىدە چۈشكەن سۈرىتى.
  چەتئەل ئاخباراتچىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبى ئافرىقا ھۆكۈمىتى 23- ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، سابىق زۇڭتۇڭ نېلسون ماندىلا ھازىر كېسىلى خەۋپ ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ دېدى.

  جەنۇبى ئافرىقا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دوختۇرلار كۈچىنىڭ بارىچە 94ياشلىق ماندېلانىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم قىلماقتا.

  ماندېلا بۇ ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆپىكىسى قايتا يۇقۇملانغانلىق سەۋەبلىك دوختۇرخانىدا ياتقان بولۇپ، داۋالىنىش ۋاقتى ئىككى ھەپتىدىن ئاشقان. ئۆتكەن يىل 12-ئايدىن باشلاپ ماندىلا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 4 قېتىم دوختۇرخانىغا كىرگەن.

  ماندىلا 1994-يىلدىن 1999-يىلغىچە جەنۇبى ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغان بولۇپ، جەنۇبى ئافرىقا تارىخىدىكى تۇنجى قارا تەنلىك زۇڭتۇڭ. ئۇ جەنۇبى ئافرىقا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ھەركىتىگە قارشى قەھرىمان دەپ قارىلىدۇ، ھەمدە جەنۇبى ئافرىقا خەلقىنىڭ مەنىۋىي داھىيىسى.(ساۋ كۇن)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە