باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ماندېلانىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقسىزلاشتى

2013.06.14 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 94 ياشقا كىرگەن ماندېلا 8-چېسلا سەھەردە ئۆپكىسى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن پرېتورىيا دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلدى، ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئىزچىل «ئېغىر لېكىن نىسپىي تۇراقلىق» ھالەتتە بولغاچقا، 7 ئايدىن بۇيان 4 قېتىم دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. 11-چېسلا، ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىلامىنى زۇما بايانات ئېلان قىلىپ، ماندېلانىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرمۇ بايانات ئېلان قىلىپ ماندېلاغا ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

  نېلسون ماندېلا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن 27 يىل تۈرمىدە يېتىپ، 1990-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1994-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا تارىخىدىكى تۇنجى نېگىر زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە