- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


فىلىپپىن ئەدلىيە مىنىستىرى تەيۋەنلىك بېلىقچىلارنى ئۆلتۈردى دېگەن تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالدى
2013.06.13 14:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فىلىپپىننىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى دېرىما تۈنۈگۈن فىلىپپىن دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى تاپشۇرغان فىلىپپىن دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ تەيۋەنلىك بېلىقچىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.
فىلىپپىن دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەلەمدارى يېقىندا مۇنداق دېدى: تەيۋەنلىك بېلىقچىنى ئۆلتۈرۈشكە چېتىشلىق فىلىپپىن دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ خادىمى جىنايى ئىشلار بويىچە شىكايەت قىلىنىشى مۇمكىن. فىلىپپىن پىرېزىدېنتىنىڭ باياناتچىسى چېن شيەندا ئۈلۈشكۈن فىلىپپىن دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنىڭ فىلىپپىن بىلەن تەيۋەننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە يول ئېچىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە