- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇرىيەگە 400 مىليون ياۋروپا ياردەم بېرىدۇ
2013.06.08 10:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارروسو 6-ئىيۇن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇرىيە ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن كەسكىنلەشلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى 400 مىليون ياۋرو ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پۇلى بېرىپ، سۇرىيەنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردىكى سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىشنى قارار قىلدى. بارروسو مۇنداق دېدى: ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىن قوللاش پەقەتلا ۋاقىتلىق تەدبىر، ئەڭ ئاساسلىقى يەنىلا بىر سىياسىي ھەل قىلىش لايىھەسى تېپىپ، سۇرىيەنىڭ ئىچكى توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىش.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە مەسئۇل ئەزاسى كرىستالىنا گېئورگايىۋا مۇنداق دېدى: ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنىڭ تەسىرىدە، ھازىر يەتتە مىليون سۇرىيەلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج بولماقتا، بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى بالىلار، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە