باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىراننىڭ پۇلى ۋە ئاپتوموبىل كەسپىگە جازا يۈرگۈزدى

2013.06.06 16:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 3 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بۈگۈن ئىراننىڭ پۇلى رىيال ۋە ئاپتوموبىل كەسپىگە جازا يۈرگۈزۈشنى تەستىقلىدى.

  ئوباما يېڭى ئىمزالىغان زۇڭتۇڭ پەرمانىغا ئاساسەن، ئامېرىكا رىيال سېتىش – سېتىۋېلىش ياكى ئىراندىن باشقا جايدا قۇرۇلغان رىيال ئارقىلىق راسچوت قىلىدىغان چەت ئەل پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا جازا يۈرگۈزىدۇ. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ پۇلىغا تۇنجى قېتىم جازا يۈرگۈزۈشى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2012 – يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جازاسى سەۋەبلىك رىيالنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتتى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئوباما يەنە ئىراننىڭ ئاپتوموبىل كەسپىگە جازا يۈرگۈزۈشكە ھوقۇق بېرىپ، ئىرانغا يېنىك تىپتىكى ۋە ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ياساش ياكى قۇراشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىش ياكى بۇ جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىشنى چەكلىدى.

  ئاقساراي باياناتچىسى جاي كارنېي بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى، مەقسەت ئىراننىڭ خەلئقئارا جەمئىيەت بىلەن قارشىلاشقانلىقىغا تېخىمۇ چوڭ بەدەل تۆلىتىش. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىران يادرو مەسىلىسىنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىش دەرۋازىسى ھېلىھەم ئوچۇق، لېكىن بۇنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى بار.

  غەرب دۆلەتلىرى ئىران يادرو قورالىنى يۇشۇرۇن تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىسە، ئىران يادرو پىلانىمىز پەقەت توك تارقىتىش ۋە داۋالاشقىلا ئىشلىتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن، دېگەندە چىڭ تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە