- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچ سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشى مۇمكىن(1)
2013.06.06 15:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچ سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش- بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى ئۈمىد يارىتىشنىڭ ئاچقۇچى، شۇڭا جۇڭگو بۇ رايوندا ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسىنى ئەۋەتىپ، بۇ رايوننىڭ قاتمال ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلاشقا ياردەم بېرىشكە باشلىدى.
جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى ۋۇ سىكې 3-ئىيۇل قاھىرەدىكى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنىدا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبى بىلەن كۆرۈشتى، بۇندىن ئىلگىرى، ۋۇ سىكې يەنە ئىيوردانىيە ۋە مىسىردا زىيارەتتە بولۇپ، سۇرىيە كىرىزىسى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ۋۇ سېكېنىڭ بۇ قېتىم ئوتتۇرا شەرق رايونىغا قىلغان سەپىرى، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈردى، بۇ، بۇ رايوننىڭ قاتمال ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاشقا پايدىلىق، ئالاقىدار تەرەپلەرمۇ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى كۈتمەكتە.
بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېڭى ياراشتۇرۇش ئۇسۇلى ۋە دىپلوماتىيە قارشى بويىچە، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىدا نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ۋۇ سېكې 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 5-ئاينىڭ باشلىرى، پەلەستىن ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. جۇڭگو تەرەپ پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرغا قويدى.
مۇشۇ ئاساسىدا، ۋۇ سېكې 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، ئىلگىرى كىيىن، ئىيوردانىيە، مىسىر ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنىدا زىيارەتتە بولۇپ، يېقىندا ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، يېقىندا پەلەستىن، ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ئەھۋالىنى خەۋەر قىلدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى شەرھلىدى ھەمدە جۇڭگونىڭ ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئالاقىنى ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن سۇرىيە كىرىزىسىنى ئادىل ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە