- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سۇرىيە مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنى سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تارىخىي پۇرسەت(1)
2013.06.03 16:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۋە ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى 6-ئىيۇل جەنۋەدە يىغىن ئېچىپ، ئامېرىكا تەشەببۇس قىلغان سۇرىيە مەسىلىسى خەلقئارالىق يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىن سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى، سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىنىڭ تىنچ ياكى ئۇرۇش ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ھالقا ئىكەن. ئەمما، يىغىننىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشى ھازىر بىر قىسىم مۇقىمسىز ئامىللارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
بىرىنچىدىن، سۇرىيە مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنىنى ئېچىشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى سۆزلىشىش ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇڭا سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشى ناھايىتى مۇھىم. سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ قاتنىشىشى ياكى قاتناشماسلىقى ھازىرغىچە تېخى ئېنىق ئەمەس. رۇسىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئېلىنانىڭ ھېسابلىشىچە، سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر بىرلىككە كەلگەن كۈچ ھاسىل قىلمىغاچقا، سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىش توغرىسىدا ئورتاقلىققا كېلەلمەيدىكەن، بۇ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن، ئۇرۇشنىڭ تەرەققىياتى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ توقۇنۇشۇۋاتقان مۇمكىنكەن.
ئىككىنچىدىن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يېقىندا چىقارغان سۈرىيەگە يۈرگۈزگەن قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش قارارى خەلقئارالىق يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. سۈرىيەدىكى سىياسىي تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇ پەيتتە قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشى، يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن سۇرىيە دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش ئىكەن، بۇ بىر خىل «سىياسىي ۋە جامائەتچىلىك بىلەن تەڭ قىستاش» ئىكەن.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۈرىيەگە يۈرگۈزگەن قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشنى جاكارلاپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى سۈرىيەدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون قۇرۇشنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاشىنكو، بۇ قارار يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۇرىيە مەسىلىسى خەلقئارالىق يىغىنىنىڭ كەيپىياتىنى بۇزدى، رۇسىيە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىشتىكى سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىدۇ، دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە