- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوباما ئامېرىكىدىكى تۇنجى قۇلنىڭ ئەۋلادى بولۇشى مۇمكىن
2013.05.30 17:09 مەنبە: خەلق تورى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قارا تەنلىك پىرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوباما يەرلىك قارا تەنلىك كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا بەزى جەھەتلەردىن ئانچە بەك ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ قارا تەنلىك قېنى پەقەت دادىسىدىنلا كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن بولىشى مۇمكىن، يەنى ئۇنىڭ دادىسى كىنىيەلىك ئىدى. بىراق يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، ئوبامانىڭ ئامېرىكىدىكى تۇنجى بولۇپ تىزىملانغان قارا تەنلىك قۇلنىڭ ئەۋلادى بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئائىلە نەسەب تورى Ancestry.com شۇ كۈنى يېقىندا ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كۆپ قىسىم نەسەبشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان كىچىك گۇرۇپپا مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋە DNA نى ئانالىز قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئوبامانىڭ ئانىسىنىڭ ئەجدادىنىڭ ئامېرىكىدىكى تۇنجى قېتىم تىزىمغا ئېلىنغان قارا تەنلىك قۇل جون پۇنچ (John Punch) ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.
جون پۇنچنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى 17-ئەسىردىن سۈرۈشتە قىلىشقا بولىدۇ. 1640-يىلى، خىزمەتكار بولغان جون پۇنچ ئامېرىكىنىڭ ۋېرگىنىيە ئىشتاتىدىن ماريلاند ئىشتاتىغا قېچىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن كېيىن تۇتۇلغان ھەمدە جازا ئورنىدا مەڭگۈ قۇل قىلىشقا بۇيرۇلغان. تارىخشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر جازا ئامېرىكا تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان قۇل قانۇنىدىن بۇرۇن چىقىرىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن جون پۇنچ دەل ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى بولۇپ تىزىمغا ئېلىنغا ئافرىقىلىق قارا تەنلىك قۇل ھېسابلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتېرىياللاردىن يەنە ئايان بولىشىچە، جون پۇنچنىڭ بىر ئاق تەنلىك ئايال بىلەن بالىسى بار ئىكەن، مەزكۇر ئايال كىيىن ئۆزىنىڭ ئەركىن پۇقرالىق ھوقۇقىنى بالىلىرىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. نەسەبشۇناسلار نۇرغۇنلىغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى رەتلەش ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، جون پۇنچ بىلەن ھېلىقى ئاق تەنلىك ئايال بىلەن تاپقان بالىسىنىڭ كېيىن فامىلىسىنى بۇنچ (Bunch) دەپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلگەن. بۇنچ ئائىلىسىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى كىيىن يەنىلا ئاق تەنلىكلەر بىلەن توي قىلغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى پۈتۈنلەي ئاق تەنلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى ۋېرگىنىيە ئىشتاتىدا چوڭ بىر قورۇنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغان. كېيىن مەزكۇر ئائىلە نەسەبىدىكى بىر ئايال كانزاس ئىشتاتىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئوبامانىڭ ئانىسى سىتان لىئان دۇنخام (Sitan Li Ann Dunham) دەل مۇشۇ يەردە دۇنياغا كۆز ئاچقان.
ئۇندىن باشقا نەسەبشۇناسلار بۇنچ ئائىلىسىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ DNA سىنى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلغاندىن كىيىن شۇنى بايقىغانكى، مەزكۇر نەسەبتىكى ئەجدادلارنىڭ DNA سىدە راستتىنلا قارا تەنلىكلەرنىڭ قان تەركىبى بار ئىدى. بۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئانالىز ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.
بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان نەسەبشۇناس شۇمۋاي (Shumway) مۇنداق دېدى:«پۇنچنىڭ كېيىن بۇنچقا ئۆزگىرىپ قېلىشى بەلكىم يېزىش جەھەتتىكى توغرا بولمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن، بۇنداق خاتا يېزىپ قويۇش شۇ دەۋردە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر ئىش ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن گەرچە نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ كۆپ قىسمى يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ، بىز %100 جەزىملەشتۈرەلمىسەكمۇ، بىراق بىز ئىككى يىلغا يېقىن تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، DNA ۋە باشقا نۇرغۇن جەھەتتىن ئىلغار تېخنىكىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق شۇنى بايقىدۇقكى، ھازىرقى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوبامانىڭ قان تەركىبىدە ئافرىقىلىق قارا تەنلىك قۇللارنىڭ قېنى بار، ئۇندىن باشقا ئوباما دەل ئامېرىكىدىكى تۇنجى بولۇپ تىزىمغا ئېلىنغان قارا تەنلىك قۇل پۇنچنىڭ 11-ئەۋلادى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .»
ئوباما 2008-يىلى تۇنجى قېتىم پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشقاندىن تارتىپ، تاراتقۇلار ۋە سىياسىيونلار قول سېلىپ ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئەجدادلىرىنىڭ زادى قانداق كىشى ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ تېپىشقا كىرىشكەن ئىدى. 2011-يىلى ئوباما ئۆزىنىڭ تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى ئاشكارىلىدى ۋە شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلمىغان دەپ گۇمانلىنىشلىرىغا قارىتا جاۋاب قايتۇردى. چۈنكى ئامېرىكا قانۇنىدا پەقەت ئامېرىكىدا تۇغۇلغان پۇقرالارنىڭ پىرېزىدېنت بولۇش سالاھىيىتى بار، دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئوبامانىڭ ئەجدادى بولسا قارا تەنلىك قۇل، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقىي تۈردە ئامېرىكىدىكى ئافرىقا مۇھاجىرلىرىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، دېيىشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە