باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېنېسۇئېلا پىرېزىدېنتى چاۋىس قازا قىلىپ، ئۇنىڭغا ۋارىسى مەسىلىسى كۈچلۈك دىققەتنى قوزغىدى(1)

2013.03.06 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 5-مارت ۋېنېسۇئېلانىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مادۇرو پىرېزىدېنت چاۋىسنىڭ شۇ كۈنى ۋاپات بولغانلىقىنى جاكارلىغان.

  چاۋىس 2011-يىلى 6-ئايدا راك كېسىلى بولغانلىقىنى تۇنجى قېتىم بايقىغاندىن كېيىن، كۇبا تاشقى كېسەللىكلەر مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىنىڭ نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن داۋالاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن داۋالانغان. ئارقىدىن ئۇ دائىم كۇبا بىلەن ۋېنېسۇئېلا ئارىسىدا قاتناپ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان ھەم رادىياتسىيەلىك داۋالانغان.

  ۋېنېسۇئېلانىڭ ئۇچۇر مىنىستىرى ئېرنېستو ۋىللىگاس 4-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، «چاۋىسنىڭ نەپەس يولى يېڭىدىن ياللۇغلىنىپ، كېسىلى ئېغىرلاشتى. بۇ-چاۋىسنىڭ ئاجىز ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھازىر ئۇنىڭ كېسىلى ناھايىتى خەتەرلىك، يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىمىيەلىك باشقا قوشۇمچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ» دېگەن.

  ۋېنېسۇئېلا يۇقىرى قاتلىمى يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ بايانات بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مادۇرونىڭ خەلققە ئېيتقان «چاۋىس يەنىلا ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئىختىيارسىز ئادەمنىڭ ئېسىگە سالىدۇ.

  لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 58 ياشلىق بۇ سول قانات سىياسىيون 18-فېۋرال كۇبانىڭ ھاۋانادىكى ئىككى ئايدىن ئارتۇق داۋالاشنى تۇيۇقسىز ئاياغلاشتۇرۇپ، ۋېنېسۇئېلاغا قايتىپ كەلدى. ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتى دەسلەپتە بۇ ئىشنى سىرتقا ئاشكارىلىمىدى، كىشىلەر چاۋىسنىڭ ئۆز مىكروبىلوگىغا چىقارغان خەۋىرىدىن بۇ ئىشنى ئۇقتى. ئۇ دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، ھېچقانداق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزمىدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە