- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تۈركىيە بىلەن گرىتسىيە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا كۆپلىگەن كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى
2013.03.05 15:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن گرىتسىيە ھۆكۈمىتى 4-مارت ئىستانبۇلدا ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك كومىتېتىنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزدى.
ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشدا، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 25 تۈرلۈك كېلىشىمنى ئىمزالىدى. شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ 25 تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردۇئان بىلەن گرىتسىيە باش مىنىستىرى سامراس ۋە ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى ئايرىم-ئايرىم ئىمزالىغان. ھەمكارلىق ساھەسى ئېنېرگىيە، ترانسپورت، ساياھەت، ئۇچۇر، ئاخبارات، تەنتەربىيە، سەھىيە ، يېزا-ئىگىلىك ۋە مائارىپ قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت سودىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە