- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئافغانىستان پىرېزىدېنتى پاكىستان بىلەن قول تۇتۇشۇپ تېررورزىمغا قارشى تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى
2013.03.05 15:47 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزائى 4-فېۋرال پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسلىسىدە ئافغانىستان بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
كارزائى شۇ كۈنى زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى راسموسىن بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستان قىسىملىرىغا مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە 2014-يىلىدىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى. كارزائى مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئافغانىستان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسلىسىدە پاكىستان بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە