- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مىسىرنىڭ سەيىد پورتىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىغا نامايىشچىلار ئوت قويۇۋەتتى
2013.03.05 15:20 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپ ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 500دىن ئارتۇق نامايىشچى 2-مارت مىسىرنىڭ شەرقىدىكى پورت شەھىرى سەيىد پورتىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىغا ئوت قويۇۋەتكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئىككى نامايىشچىنى بىر ساقچى ماشىنىسى سوقۇۋېتىپ يارىلانغان، بۇ ۋەقە نامايىشچىلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، ئۇلار ئارقىدىن بۇ ساقچى ئىدارىسىغا ئوت قويۇۋەتكەن.
مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى بىر ساقچى ماشىنىسى سەيىد پورتى سوت مەھكىمىسىگە كېتىۋاتقاندا، نامايىشچىلار تاش ئاتقان، ۋەقەدە ئالتە ساقچى يارىلانغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە