- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ قورال–ياراغلىرى 2020–يىلىغىچە %70 ياكى پۈتۈنلەي يېڭىلىنىدۇ
2013.03.01 14:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 27 – فېۋرال تېلېگراممىسى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن زۇڭتۇڭ پۇتىن قاتناشقان مىنىستىرلىق ئىشلىرى كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى خۇلاسىلىدى. پۇتىن: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ قورال – ياراغلىرى 2020 – يىلىغىچە %70 ياكى پۈتۈنلەي يېڭىلىنىدۇ، دېدى.
رۇسىيە ئارمىيەسىگە يېقىندا ‹‹شىمال شامىلى ئىلاھى›› دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك يادرو چۆكمە پاراخوت، ‹‹يارس›› بەلگىلىك قىتئەلەر ئارا زەمبىرەك ئوقىسىمان ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 400 S بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى قاتارلىق ئىلغار قۇرال – ياراغلار سەپلەپ بېرىلدى. 5 – ئەۋلاد سوقۇش ئايروپىلانى ۋە 500 S بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى قاتارلىق باشقا ئىلغار قورال – ياراغلارمۇ تەتقىق قىلىنىپ ياسىلىۋاتىدۇ ۋە سىناق قىلىنىۋاتىدۇ.
رۇسىيە 2009 – يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان ھەربىي ئىسلاھات 2 – باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئارمىيە ئىشتاتى ۋە قوماندانلىق سىستېمىسى ئىسلاھاتى تاماملانغاندىن كېيىن، ھازىرقى باسقۇچتىكى مۇھىم ۋەزىپە ئارمىيەنىڭ قورال – ياراغلىرىنى يېڭىلاش ۋە ئارقا سەپ كاپالىتىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. رۇسىيە زۇڭتۇڭى تۈزگەن نىشانغا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى ھەربىي ئىسلاھات 2020 – يىلىدىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە