- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئىران: سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەر بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدى
2013.02.07 16:03 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
 |
ماتېرىيال سۈرەت : سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر ئاساد |
ئەنگىلىيە ئاسمان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۈنۈگۈن (6-فېۋرال) بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا ، بىر قانچە كۈن بۇرۇن ، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى Salehi سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئىككى يىل داۋاملاشقان ئىچكى توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ، ئۆكتىچىلەر بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەييارلىقىنى قىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان .
سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى Khatib يېقىندا سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىچكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ، ھۆكۈمەتتىن ئالدى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 160 مىڭ ئادەمنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان . بىراق ، ھۆكۈمەت تەرەپ بۇنىڭغا ھازىرچە ئىنكاس قايتۇرمىغان ، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بۇ تەشەببۇسقا كۈچلۈك قارشى تۇرۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن .
Khatib ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇ يەكشەنبىگىچە ، تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان قىز-ئاياللارنى قويۇپ بەرمىسە ، بۇنى ‹‹ بەشىر تەشەببۇسنى رەت قىپتۇ ›› دەپ بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە