- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاۋىسنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغانلىقىنىڭ 21 يىللىقى خاتىرىلەندى
2013.02.06 14:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-فېۋرال خەۋىرى: ۋىنىسۇئىلا ئارمىيىسى ۋە چاۋىسنىڭ قوللىغۇچىلىرى 4-فېۋرال پايتەخت كاراكاس شەھىرىدە چوڭ تىپتىكى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ۋىنىسۇئىلانىڭ پىرېزىدېنتى چاۋىسنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغانلىقىنىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلىدى ھەمدە كۇبادا راك كېسىلىنى داۋالىتىۋاتقان چاۋىسنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ۋىنىسۇئىلانىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مادۇرو خاتىرىلەش پائالىيىتىدە چاۋىسنىڭ ئىمزايىدىكى خەتنى ئوقۇدى. چاۋىس خېتىدە:1992-يىلىدىكى «ۋەتەننىڭ ئويغۇنۇشى» ناملىق ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت يۈزىسىدىن قوزغىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ خەلق ۋە ئارمىيەنىڭ ئىزچىل ئىتتىپاقلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە