- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا گۇگېل شىركىتى ئالىي ئەمەلدارىنىڭ چاۋشيەندە زىيارەت بولۇشىدىن نارازى بولدى
2013.01.05 14:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 4-يانۋار گۇگېل شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى سىمىتنىڭ چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇش ئويىدىن نارازى بولۇپ، سىمىتنىڭ چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇشى مۇۋاپىق ئەمەس دېدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتات ئاگېنتلىقىنىڭ ئالدىنقى كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سىمىت ئەڭ بۇرۇن بولغاندا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىنىڭ باشلىقى رىچاردسونغا ئەگىشىپ چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇشنى ئويلىشىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ماگناتى بولغان بۇ شىركەتنىڭ ئالىي باشقۇرۇش قاتلىمىدىكى چاۋشيەننى زىيارەت قىلىدىغان تۇنجى كىشى بولۇپ قالغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ۋېكتورىيە نىيۇلاند تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ سەپەرگە دىققەت قىلماقتا، سىمىت بىلەن رىچاردسونغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇش بېرىش ھەرىكىتىگە بولغان قارىشى خېلىلا ئېنىق.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە