باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگولۇقلار نەق پۇل ئېلىپ چېگرىدىن ئۆتۈپ غەرب ئەللىرىدە كۆپلەپ ئۆي سېتىۋالماقتا(1)

2013.01.04 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىدىكى «خۇفېنتۇن پوچتا گېزىتى» تور بېكىتىدە 2-يانۋار «كانادا چېگراسىدا قولغا چۈشكەن نەق پۇل ئىچىدە جۇڭگولۇقلارنىڭ پۇلى %59 نى ئىگىلەيدۇ» دېگەن تېمىدا خەۋەر بېرىلدى. خەۋەرگە قارىغاندا، جۇڭگولۇقلار چامادان بىلەن قانۇنسىز نەق پۇللارنى كاناداغا كىرگۈزگەن، بۇ پۇللارنىڭ ئاز دېگەندە بىر قىسىمى ئاخىرىدا كانادانىڭ ئۆي مۈلۈك بازىرىغا سېلىنىدىكەن.

  ئامېرىكىدىكى «ۋول كوچىسى گېزىتى» نىڭ كانادا چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىدىن ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2011-يىلى ئاپرېلدىن 2012-يىلى ئىيۇنغىچە، كانادادىكى ئەڭ گۈللەنگەن تورونتو ۋە ئوتتاۋا ئايرودۇرۇمىدا جۇڭگو پۇقرالىرىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن نەق پۇل مۇشۇ ئايرودرۇمدا قولغا چۈشكەن نەق پۇل ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %59 نى ئىگىلىگەن. «ۋول كوچىسى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ مەزگىلىدە 13 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل يىغىۋېلىندى. كانادا چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 160 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل قولغا چۈشتى.

  10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق نەق پۇل ئېلىپ ماڭغۇچى كانادادا چېگرىدىن كىرگەندە تاموژنىغا ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك. ئىلتىماس قىلمىغانلارغا 500 ئامېرىكا دوللىرىدىن 5000 ئامېرىكا دوللىرىغىچە جەرىمانە قويىلىدۇ. كۆپ ئەھۋاللاردا، تاموژنا جۇڭگو پۇقرالىرىدىن قولغا چۈشۈرگەن نەق پۇللارنى ئۇلار جەرىمانىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

  «ۋول كوچىسى گېزىتى» خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم نەق پۇل ئاخىرىدا كانادانىڭ ئۆي مۈلۈك كەسپى بازىرىغا سېلىنىدىكەن، بولۇپمۇ تورۇنتۇ بىلەن ئوتتاۋادىكى يۈرۈشلۈك تۇرالغۇ ئۆي بازىرىغا سېلىنىدىكەن. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، ئۆي مۈلۈك كەسپىنى تەھلىل قىلغۇچىلار چەتئەل مەبلىغىنىڭ كانادانىڭ ئۆي مۈلۈك بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار: چەتئەللەرنىڭ نەق پۇللىرى ئۆي باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىپ، كانادالىقلارنى ئۆي سېتىۋالالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى. ئامېرىكا «ۋول كوچىسى گېزىتى» نىڭ تور بېكىتىدە 1-يانۋار جۇڭگولۇقلار چامادان چامادان نەق پۇلنى ھاۋادىن غەرب ئەللىرىگە توشىدى دېگەن تېمىدا خەۋەر بېرىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە