باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ئىقتىسادىدا ياخشىلىنىش بولامدۇ-يوق؟(1)

2013.01.04 14:45        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھاكىمىيەت ئالمىشىشتىكى قالايمىقانچىلىق شۇنداقلا 2-،3-پەسىلدىكى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتنىڭ تۆۋەنلىشىنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيەنىڭ پاي بازىرى ۋە پېرېۋوت بازىرىنىڭ 2012-يىلنىڭ ئاخىرىقى نەچچە كۈندىكى ئىپادىسى كىشىلەرگە نىسبەتەن يېڭى بىر يىلدا ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا تولۇق ئۈمىد پەيدا قىلدى. 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى توكيو ئاكىسيە بازىرى پۈتۈن يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان 10395 نۇقتا بىلەن بىر يىللىق سودىنى ئاياغلاشتۇردى، بۇ سان 2011-يىلنىڭ ئاخىردىكىدىن %23ئاشتى، 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى توكيو تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنى ياپونىيە يىنىغا پېرېۋوت قىلىش نىسبىتى ئۆرلەپ تەخمىنەن 86.50كە يېتىپ، 2010-يىلى 8-ئايدىن بۇيانقى يېڭى رېكورتنى ياراتتى. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە: بۇ بازارنىڭ يېڭى باش ۋەزىر ئابىشىنزۇنى قوللىغانلىقى دېيىلدى. كۆپ ساندىكى ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ 2013-يىلى ئەسلىگە كېلىشتىن ئۈمىد بار. ئەمما ئابى شىنزۇ ھۆكۈمىتى پۇل بېسىپ تارقىتىپ، ئىقتىسادىقا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك ئىسلاھات ئېلىپ بارالمىسا، بەلكىم ياپونىيە ئىقتىسادىغا تېخىمۇ چوڭ ئاپەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

  دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى ھەمدە ياپونىيە يىنىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئامىللار تەسىرىدە 2012-يىلى ياپونىيە باشتىن-ئاخىر ئىقتىساد چېكىنىش ھالىتىدە تۈرۈپ كەلدى. 2-پەسىلدىن باشلاپ، ياپونىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى مەنپىي ئېشىشقا باشلىدى، 3-پەسىلدە تۆۋەنلەش كۆلىمى داۋاملىق زورايدى، 4-پەسىلدىكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولماسلىقى مۇمكىن. سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ قالايمىقانچىلىقى كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىگە بولغان ئەندىشىسىنى تېخىمۇ زورايتىۋەتتى، بەختكە يارىشا، 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى سايلامدا ئىلگىرى يېرىم ئەسىرىدىن كۆپرەك ۋاقىت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى سايلامدا غەلبە قىلىپ، ئىلگىرىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شېرىكى بولغان ئادالەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن يەنە بىر قېتىم بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ لىدىرى، يېڭى باش ۋەزىر ئابى شىنزۇ سايلام مەزگىلىدە ئىقتىسادنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ياپونىيە ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، دېدى. مۇئاۋىن باش ۋەزىر قۇشۇمچە مالىيە ۋەزىرى تارو ئاسۇنىڭ تەسىردە ئابى شىنزۇ كىيىنسسىزملىق ئىقتىسادىي سىياسەت بىلەن ياپونىيە ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولدى. ئۇ پۇل مۇئامىلە سىياسىتى بىلەن مالىيە سىياسىتىنى تەڭ ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىر تەرەپتىن ياپونىيە مەركىزىي بانكىسى تېخىمۇ كەڭ پۇل سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەتتا ھەر يىلى %2لىك پۇل پاخاللىقى نىشانىنى ئېنىق تۈزۈشى كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت كەڭ كۆلەمدىكى ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىش پىلانىنى يولغا قويۇشى، بۇ ئارقىلىق ئاممىۋى مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرستىشى كېرەك. ئاممىباب قىلىپ ئېيتساق، مەركىزى بانكا تېخىمۇ كۆپ پۇل بېسىشى، ھۆكۈمەت تېخىمۇ كۆپ خەجلىشى كېرەك. يېڭى باش ۋەزىرگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ياپونىيە مەركىزىي بانكىسى ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى سىياسەت يېغىنىدا پۇلنى بوشىتىش كۆلىمىگە يەنە 10 تىرليۇن ياپونىيە يىنى قوشۇشنى قارار قىلدى، ئابى شىنزۇ ھاكىمىيىتىمۇ، بۇ يىل 1-ئايدا ئومۇمىي سوممىسى 10 تىرليۇن ياپونىيە يىنى تولۇقلىما خامچوت پىلانىنى يولغا قويىدۇ. بۇ يولغا قويۇلسا، ياپونىيەنىڭ 2013-يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىشكە سەۋەب قالمايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە