- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ب د ت نىڭ ئەمەلدارى: سۈرىيە توقۇنۇشىدا 60 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى
2013.01.04 14:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك مەخسۇس خادىم ئىشخانىسى تۈنۈگۈن جەنۋەدە بايانات ئېلان قىلىپ: سۈرىيەدىكى قوراللىق توقۇنۇش 2011-يىلى 15-مارت پارتلىغاندىن بۇيان 60 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى پىللاي باياناتىدا مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك مەخسۇس خادىم ئىشخانىسى بىر ئورگانغا ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش ۋە بۇ ھەقتە دوكلات يېزىشنى ھاۋالە قىلغان ئىدى، بۇ دوكلاتتا سۈرىيە ھۆكۈمىتى، ئۆكتىچى گۇرۇھ قاتارلىقلارنىڭ قازا قىلغان ئادەم سانى، قوراللىق توقۇنۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى، قازا قىلغان ۋاقتى ۋە ئورنى سېلىشتۇرۇلۇپ، 2011-يىلى 15-مارت قوراللىق توقۇنۇش پارتلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە قازا قىلغانلارنىڭ 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە خۇلاسىسى چىقىرىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە