- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مېدۋېدېۋ:رۇسىيە 2 تىرىليون 100 مىليارد رۇبلى مەبلەغ سېلىپ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ
2012.12.28 16:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:رۇسىيىنىڭ باش مىنىستىرى مېدۋېدېۋ 27- دېكابىر موسكۋادا مۇنداق دېدى: 2013-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان رۇسىيىنىڭ ئالەم قاتنىشى پائالىيىتى دۆلەت پىلانىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا 2 تىرىليون 100 مىليارد رۇبلى مەبلەغ سېلىپ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: 2013-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان رۇسىيىنىڭ ئالەم قاتنىشى دۆلەت پىلانىنىڭ باش مەقسىتى ئالەم قاتنىشى سانائىتىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئالەم قاتنىشى ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئىشەنچىلىكلىكىنى ئۆستۈرۈش، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەت ئىقتىسادىي ۋە خەلق تۇرمۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە