باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ بېجىنى كېمەيتىش سىياسىتىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلدى

2012.12.28 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ كۆپ سانلىق پارتىيە رەھبىرى، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان رىد 27- دېكابىر مۇنداق دېدى: مەن پارلامېنتىنىڭ ئاخىرقى مۆھلەتتىن بۇرۇن مالىيە ھېڭىدىن ساقلىنىش ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا يېتەرلىك ۋاقىت بار ياكى يوقلىقىغا بىرنېمە دېيەلمەيمەن.

  ئاۋام پالاتاسى 27- دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان تېلېفون يىغىنىدا، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بونا دېموكراتلار پارتىيەسى ئەزالىرى ئەڭ كۆپ بولغان كېڭەش پالاتاسىنى باشلامچى بولۇپ ھەرىكەت قوللىنىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلدى.

  ئامېرىكىنىڭ كېڭەش، ئاۋام پالاتالىرى بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ھەر قايسىسىغا ئالاقىدار بولغان تاموژنا بېجى لايىھەسىنى ئايرىم ئايرىم ماقۇللىدى. كېڭەش پالاتاسى ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ بېجىنى كېمەيتىش سىياسىتىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلدى، بىراق ئاۋام پالاتاسى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ باجنى كېمەيتىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلدى. ئوباما ئۆتكەن ھەپتە مۇنداق دېدى: مەن ئوتتۇرا بۇرژۇئازلارنىڭ بېجىنىڭ ئۆسۈپ كەتمەسلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى مىليون ئىشسىزنى قۇتقۇزۇشنى ئاياغلاشتۇرماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە