- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكىدا بىراۋ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىغا قوراللىق يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلدى، ئىككى ئادەم ئۆلۈپ ئىككى ئادەم يارىلاندى
2012.12.26 18:32 مەنبە: خەلق تورى
يېرىم كېچىدە بىر ئۆيگە ئوت كەتتى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى دەرھال يېتىپ كەلدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارنى كۈتۈۋالغىنى قورالىنى بەتلەپ تۇرغان قاتىل بولدى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئىككىسى ئۆلۈپ، ئىككىسى يارىلاندى....
مىلاد بايرىمى ھارپىسىدا ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن بۇ قوراللىق ھۇجۇم قىلىش دېلوسى پۈتكۈل ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سالدى. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىدىكى ۋەكىللىك كەسىپ بولغان ئوت ئۆچۈرۈش كەسپى ئامېرىكىدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئوت ئۆچۈرۈپ خەتەردىن قۇتقۇزۇشتەك ئوبرازى بىلەن نۇرغۇن شەرەپكە نائىل بولغان بولۇپ، ئامېرىكىلىقلار ئۇلارنى قەھرىماندەك ھۆرمەتلەيدۇ. ئەمما ئۇ قوراللىق ئۇنسۇر دەل ئاشۇ كىشىلەرگە قىلتاق قۇرۇپ، جەمئىيەتتىن ئۆچ ئالدى.
بۇ دېلو كوننېكتىكۇت ئىشتاتىنىڭ ساندىخۇك باشلانغۇچ مەكتىپىدە 25 بالىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قوراللىق ھۇجۇم قىلىش دېلوسىدىن 10 كۈن كېيىن يۈز بەردى. ئامېرىكىغا زادى نېمە بولدى؟ ئامېرىكىدا قورال-ياراغنى تىزگىنلەشكە دائىر بەس-مۇنازىرە قايتىدىن ئۆتكۈرلەشتى، ئەمما ئۇ پەقەت بەس-مۇنازىرىلا خالاس، قورال-ياراغنى تىزگىنلەشنى تەلەپ قىلىش سادالىرىنىڭ يۇقىرىلىشى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مىلاد بايرىمى ھارپىسىدىكى قورال سېتىش سوممىسى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.
ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناسلىق» ژۇرنىلىنىڭ ئوبزورچىسى مۇنداق دېدى، ئەگەر ئامېرىكا 20 نەچچە ئۆسمۈر پاجىئەلىك قىرىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ قورال-ياراغدىن مېھرىنى ئۈزەلمىسە، ئۇنداقتا ئۇنى نىيىتىدىن ياندۇرغىلى بولمايدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە