باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنادا بىر بىر ھەربى تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، 5 ئادەم قازا قىلدى

2012.12.26 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 26-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ م-8 تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانى 25- دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئۇكرائىنانىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا چۈشۈپ كەتكەن، ئايروپىلاندىكى 5 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

  ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى كروۋوخراد ئوبلاستىنىڭ ئالېكساندىريە ئايروپورتى ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانى شۇ كۈنى ئۇچۇش مەشىقى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇچۇش ئۈچۈن يەردىن كۆتىرىلىۋاتقاندا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. قۇتقۇزغۇچى خادىملار چۈشۈپ كەتكەن تىك ئۇچارئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرى ئارىسىدىن ئۈچ ئايروپىلان خادىمى ۋە ئىككى مۇتەخەسىسنىڭ جەسىتىنى تاپقان.

  بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن كۆيۈپ كەتمىگەن. ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالاھىدە كومىتېت قۇرۇپ، بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە