- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قازاقىستاندا بىر ھەربى ترانسپورت ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
2012.12.26 13:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 26-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى ئاخبارات ئىدارىسى 25-دېكابىر خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئەن-72 تىپلىق بىر ھەربى ترانسپورت ئايروپىلانىنىڭ شۇ كۈنى قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ئايروپىلاندا 7 ئايروپىلان خادىمى ۋە 20 ھەربىي بارلىقىنى ئېيتتى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ھەربىي ھەربى ترانسپورت ئايروپىلانى قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى چېگرا قوغداش ئىدارىسىگە تەۋە بولۇپ، شۇ كۈنى پايتەخىت ئاستانىدىن جەنۇبتىكى شەھەر شىمكەنتكە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان، ئايروپىلانغا ئولتۇرغانلار ئاساسلىقى قازاقىستان چېگرا قوغداش ئىدارىىسنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىكەن. ئايروپىلان شىمكەنتكە 15 كىلومېتىر قالغاندا شۇ يەر ۋاقتى 25-دېكابىر 18:55 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 20:55 مىنۇت) دە چۈشۈپ كەتكەن، ئايروپىلاندا 7 نەپەر ئايروپىلان خادىمى ۋە 20 نەپەر ھەربىي بار ئىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە قازاقىستاندىكى نوپۇزلۇق تارماق خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ۋەقەدە قازا قىلغان.
قازاقىستان ھەربىي، جىددىي ئىشلار بۆلۈمى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىدىكى ئالاقىدار خادىملار ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدانىنى قامال قىلغان، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە قۇتقۇزغۇچى خادىملار ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار نۆۋەتتە ھادىسەنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە