باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاۋستىرىيەنىڭ ۋيېنا شەھىرى تۇرمۇش سۈپىتى ئەڭ ياخشى شەھەر بولۇپ باھالاندى

2012.12.25 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا William Mercer ئادەم كۈچى بايلىقى شىركىتى 2012-يىللىق دۇنيا شەھەر تۇرمۇشى سۈپەت دوكلاتىنى ئېلان قىلغان، نەچچە يۈز مۇزېي ۋە 2000دىن ئارتۇق باغچىسى بار ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋيېنا يەنە بىر قېتىم تۇرمۇش سۈپىتى ئەڭ ياخشى شەھەر بولۇپ باھالانغان، بۇ ۋيېنا شەھىرىنىڭ 4-قېتىم بۇ شەرەپكە ئېرىشىشى.

  بۇ تىزىملىككە كىرگەن ئالدىنقى ئون شەھەر سيۇرىخ، ئاۋكلاند،مىيۇنخېن، ۋانكۇۋېر، دۇسۇلدوف، فرانكفورت، جەنۋە، كوپېنھاگېن، بېرن، سىدنېي بولۇپ، سەككىزى ياۋروپادىن تاللانغان. William Mercer ئادەم كۈچى بايلىقى شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شەھەرلەر جەمئىيەت مۇقىملىقى، تۇرمۇش سۈپىتى ۋە شەھەر ئاساسى ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارغا ئۇنىۋېرسال باھا بىرىش ئارقىلىق تاللانغان ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە