- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


رۇسىيەدە قەھرىتان سوغۇقتا 88 ئادەم قازا قىلدى
2012.12.25 15:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:رۇسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 24- دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە قەھرىتان سوغۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر ھەپتىدىن بۇيان، جەمئىي 88 ئادەم قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا 1210 ئادەم يارىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە 538 ئادەم دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ.
رۇسىيە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە قەھرىتان سوغۇقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 18 سېلسىيە گىرادۇسقا ، سىبىرىيەدە نۆلدىن تۆۋەن 50 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ، پار بىلەن تەمىنلەش پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، مەكتەپلەر دەرس توختىتىشقا مەجبۇر بولغان، ئاپتوموبىللار يوللاردا بۇزۇلۇپ قالغان، قۇرۇلۇشلار توختىتىلغان.
يېقىندا رۇسىيە گىدرومېتېئورولوگىيە مەركىزى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلگەن: 27 -دېكابىر ۋە 28- دېكابىر ئىككى كۈن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رايونلاردا ھاۋا ئىللىپ، يوللارنىڭ مۇز تۇتۇشى ۋە شىۋىرغاننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە