- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پۇتىن ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندا، قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش توختامى ئىمزالىدى
2012.12.25 14:34 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 12-ئاينىڭ 24-كۈنى، ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگى بىلەن زىيارەتكە كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن «13-نۆۋەتلىك ھىندىستان-رۇسىيە باشلىقلىرىنىڭ يىللىق يىغىنى»غا قاتناشتى، ئىككى تەرەپ 10 كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇنىڭ ئىچىدە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش توختامىنىڭ سوممىسى 2 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. خەلقئارا جامائەتچىلىك پۇتىننىڭ قايتا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىنكى جەنۇبىي ئاسىياغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى ھېسابلىنىدىغان بۇ قېتىمقى زىيارەت ھىندىستان بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى، دەپ قاراشتى.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە